Ata Ana (Live)-Hazritiali

歌手 : Hazritiali
语种 : 纯音乐
时长 : 04:09
Loading...

TXT Ata Ana (Live)-Hazritiali 文本歌词

بۇ ھاياتتا بىر ئۆمۈر
ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
بەخت دىگەن يىراقتا
كۈتەلەمسەن مەن بىلەن
كۈلكە دىگەن ھەر ۋاقىت
يىغا بىلەن بىر تۇغقان
يىغلىغاندا تەڭ يىغلاپ
كۈلەلەمسەن مەن بىلەن
كۈلكە دىگەن ھەر ۋاقىت
يىغا بىلەن بىر تۇغقان
يىغلىغاندا تەڭ يىغلاپ
كۈلەلەمسەن مەن بىلەن
ھايات گويا بىر سەپەر
بورىنى بار يامغۇرلۇق
چۆلدە قالسام بوراندا
تۈنەلەمسەن مەن بىلەن
ھايات گويا بىر سەپەر
بورىنى بار يامغۇرلۇق
چۆلدە قالسام بوراندا
تۈنەلەمسەن مەن بىلەن
ئېيتالمايدۇ ھېچكىممۇ
ئازابى يوق ھاياتنى
كەلسە باشقا دەرت-ئەلەم
يۈتەلەمسەن مەن بىلەن
ئېيتالمايدۇ ھېچكىممۇ
ئازابى يوق ھاياتنى
كەلسە باشقا دەرت-ئەلەم
يۈتەلەمسەن مەن بىلەن
ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇغ
شۇڭا دەيمەن ئۇلارنى
گويا مېنى سۆيگەندەك
سۆيەلەمسەن مەن بىلەن
ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇغ
شۇڭا دەيمەن ئۇلارنى
گويا مېنى سۆيگەندەك
سۆيەلەمسەن مەن بىلەن
نە قىسمەت بار بېشىمدا
بىر كۈن ئەجەل يەتكەندە
بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ
كېتەلەمسەن مەن بىلەن
نە قىسمەت بار بېشىمدا
بىر كۈن ئەجەل يەتكەندە
بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ
كېتەلەمسەن مەن بىلەن
بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ
كېتەلەمسەن مەن بىلەن
كېتەلەمسەن مەن بىلەن